مېدىيا خەۋەرلىرى
ئانار گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، تىيانشان تېغى ئىللىپ، شاد-خۇراملىققا چۆمۈپ بايرام تەبرىكلەندى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى تەقەززا بولۇپ كۈتكەن،شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۈمىدى ئىپادىلەنگەن دوكتۇر مىنا تاجىدارلىقىدىكى 2026-يىللىق « ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ » تىمىسىدىكى قۇربان ھېيىتلىق ئەدەبىيات-سەنئەت كىچىلىكى مۇۋەپىقىيىەتلىك ئاياغلاشتى .
دوكتۇر مىنا بۇ قېتىملىق سەنئەت كىچىلىكىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولىشىغا ئالاھىدە كۈڭۈل بۆلدى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىدى. كارخانا مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىغا بىر مەيدان كەيپىيات تۇيغۇسى تولۇپ تاشقان ئەدەبىيات-سەنئەت كىچىلىكى سۇندى .
بۇ قېتىمقى ئەدەبىيات-سەنئەت كىچىلىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ 2026- يىللىق يۇقىرى ئۆلچەمدىكى، قاپلاش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان قۇربان ھېيت مەدەنىيەت ئۈلگە كۆرسىتىش پائالىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن-ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مۇقام مۇزىكىسى-ئۇسسۇلى، يىپەك يولى ئۆرپ-ئادەت ئۇسسۇلى، مىللىي ناخشا-مۇزىكىلارنى بىرلىكتە ئېيتىش، غەيرىي نەق مەيداندا ئورۇنلاش، ھازىرقى زامان زامانىۋى ناخشا-ئۇسسۇلى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك سەنئەت شەكلى ئارقىلىق، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىنىڭ كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىيات قىياپىتى، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ چوڭقۇر مېھىر-مۇھاببىتى نامايەن قىلىندى .
كېچىلىكتە «بايراملىق تىلەكلەر» «ئانار گۈلى ھەممە يەردە ئېچىلدى»«تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا ھەممە نەرسە يېڭىچە» قاتارلىق نادىر سەھىپىلەر تەسىس قىلىندى، ئاخىرىدا «ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ » ناملىق ئاساسىي ناخشا ئېيتىلىپ، مېلودىيە ۋە ئۇسسۇل قىياپىتى ئارقىلىق يۇرتقا، ۋەتەنگە بولغان سەمىمىي مۇھەببىتى ئىپادىلەندى .
دوكتۇر مىنانىڭ قۇرغۇچىسى نەق مەيداندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : قۇربان ھېيت جەم بولۇش، مىننەتدارلىق ۋە ئىناقلىققا سىمۋول قىلىنغان، «ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ » ناملىق ئەدەبىيات-سەنئەت كىچىلىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەتكۈزىدىغان، شىنجاڭنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم سۇپا، داڭلىق ماركا قوللاشنى ۋاسىتە قىلىپ، بىر تەرەپتىن يۇقىرى سۈپەتلىك مىللىي ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى ئېسىل بايراملىق مەدەنىيەت شادلىقىدىن بەھرىمەن قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ھەر مىللەت شىنجاڭلىق ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، بەختلىك ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ قېتىمقى قۇربان ھېيتلىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى مەدەنىيەت تارقىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئاساس قىلىندى . دوكتۇر مىنا كەلگۈسىدە شىنجاڭ بازىرىدا داۋاملىق يىلتىز تارتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن پەن تەتقىقات مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، يۇرتىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىر نىيەتتە تەڭ ئىلگىرىلەپ، بەختلىك يۇرت-ماكان قۇرۇشقا كۈچ چىقىردۇ . «ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ » تىمىسىدىكى 6202-يىللىق قۇربان ھېيىتلىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك، رەڭدار بولدى! كېچىلىك ئاياغلاشقان بولسىمۇ، مېھىر-مۇھەببەت مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.
كەلگۈسىدە،دوكتۇر مىنانىڭ قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ ، ئىلمىي تەتقىقات، تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرى بىلەن ھەر مىللەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، يۇرتىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئىزچىل ئاتلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، تىنچ، ئىناق، بەختلىك بولۇشىىغا كۈچ چىقىردۇ .

ئومومى ئەھۋال
جەمئىيەت ھەققىدە قائىدە - نىزام رەئىس سۆزى رەھبەرلەر ئەزالار غەمخۇرلق ئىش-ئىزلارجەمئىيەت ئۇچۇرلىرى
جەمئىيەت ئېلانى مېدىيا خەۋەرلىرى پائالىيەت ئۇچۇرلىرى جەمئىيەت خەۋەرلىرىمەدەنىيەت مائارىپ
ئىلمىي ئالماشتۇرۇش مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئوقۇغۇچىلارسودا ھەمكارلىقى
مەبلەغ سېلىش سىياسەتلەر كارخانىلار ھەمكارلىق تۈرىگۈزەل شىنجاڭ
ساياھەتچىلىك تەبئىي مەزىرە تائاملار ئادىمىيەت تارىخى شىمالىي شىنجاڭ جەنۇبى شىنجاڭ