مېدىيا خەۋەرلىرى
ياخشىمۇ سىلەر سالونىمىزنىڭ بارلىق ئىشتراكچىلىرى، بۈگۈن كۆپچلىككە يەتكۈزۈپ قويىدىغان ئالاھىدە بىر خۇشخەۋىرىمىز بار .



Gulimila Abudureyimu, Hyung-Suk Jang, Joonho Shim, MinHee Kim, Minjeong Kang &Dongyoun Lee
بىرىنچى ئاپتور: گۈلمىرە ئابدۇرېھىم ، خيوڭ سوكجاڭ ، جۇن خوشىم ، مىن خىكىم ، مىن جوڭكاڭ
خىزمەت ئورنى: كورىيە سۇڭگیونگوئەن ئۇنىۋېرسىتېتى سامسۇڭ گوروھى دوختۇرخانسى تېرە كېسەللىكلەر بۆلۈمى
تۇلۇق ماقالىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىكى تەبىئەت ژورنىلى ئۇلانمىسى
https://www.nature.com/articles/s42003-026-09656-1https://pubmed.ncbi.nlm.nih.gov/41775803/

高通量筛选小分子Wnt/β-catenin激活剂以促进头发和指甲生长
研究背景
تەتقىقات ئارقا كۆرۈنىشى
چاچ ۋە تىرناق قۇرۇلمىسى جەھەتتىن پەرقلىق بولسىمۇ، ئىككىلىسىنىڭ قايتا ئۆسۈشى Wnt/β-cateninسىگنال يولىغا تايىنىدۇ. بۇ يولنى كۈچەيتىدىغان كىچىك مولېكۇلىلارنى بايقاش ئۈچۈن، بىز TCF/LEF لوسىفېراز رېپورتېر ئىشلىتىلگەن HEK293 ھۈجەيرىسىنى قوللىنىپ، FDA تەستىقلىغان ۋە تەبىئىي بىرىكمىلەردىن تەركىب تاپقان 5170 خىل ماددىنى قېزىپ تەكشۈردۇق. توققۇز خىل بىرىكمە Wnt سىگنال يولىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاكتىپلاشتۇردى، بۇ نەتىجىلەر چاچ ۋە تىرناقنى قايتا ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يېڭى داۋالاش دورىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
研究问题
تەتقىقات مەسلىسى

چاچ يىلتىزى (HF) ۋە تىرناق بىرلىكى ھەققىدىكى تەتقىقاتتا، سىرتقى ۋە ئىچكى جەھەتتىن قىزىقارلىق ئوخشاشلىق ۋە پەرقلەر بايقالدى. بۇ ئىنسان تېرە قوشۇمچە قۇرۇلمىلىرىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ [1]. فېنوتىپ جەھەتتىن، چاچ ۋە تىرناق ئاساسلىقى قوغداش فۇنكسىيەسىنى ئورۇنلايدۇ. چاچ باش تېرىسىنى قوغدىسا، تىرناق بارماق ئۇچلىرىنى قوغدايدۇ. بۇ قوغداش رولى ئاساسەن قاتتىق كېراتىن ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ ئورتاقلىق ئېۋولۇتسىيە جەريانىدا ئورتاق بىر يولنى كۆرسىتىدۇ [2, 3]. ئەمما، چاچ ۋە تىرناق قۇرۇلما جەھەتتىن روشەن پەرقلىنىدۇ. چاچ ئۇزۇن، ئېگىلىشچان تالالىرى بىلەن ئېلاستىكىكلىقنى تەمىنلىسە، تىرناق ياپىلاق كېراتىن قەۋەتلىرى بىلەن قاتتىقلىقنى تەمىنلەيدۇ [4].
گېنوتىپ جەھەتتىن بولسا، چاچ ۋە تىرناق بىلەن مۇناسىۋەتلىك گېن ئىپادىلىنىشىدىكى ئوخشاشلىق ۋە پەرقلەر تەتقىقاتنىڭ قىزىقارلىق بىر ساھەسىنى تەشكىل قىلىدۇ. چاچ يىلىتىزى ۋە تىرناقلار ئاساسلىقى Wnt/β-cateninسىگنال يولى تەرىپىدىن تەڭشىلىدۇ [3]. ئەمما، بۇ سىگنال يولى ئىچىدىكى مەخسۇس گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىش سەۋىيىسى ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە مورفولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ھالدا، كۆرۈنەرلىك پەرقلەرنى كۆرسىتىدۇ [5]. مەسىلەن، R-spondin ئاقسىل ئائىلىسى، بولۇپمۇ RSPO3 ۋە RSPO4، بۇ قۇرۇلمىلاردا مۇھىم رول ئوينايدۇRSPO3 . تېخىمۇ كۆپ چاچ يىلتىزى تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، RSPO4 تىرناق ئۆسۈشى بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك باغلانغان [6, 7].
بۇنداق پەرقلىق ئىپادىلىنىش، Wnt يولىنىڭ ئىنچىكە تەڭشىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جەرياندا بەزى گېنلار بىر قۇرۇلمىدا يۇقىرى تەڭشەلگەن بولسا، يەنە بىرىدە ئۇنداق بولمايدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە چاچ ۋە تىرناقنىڭ ئۆزگىچە تاشقى ئالاھىدىلىكلىرىگە سەۋەب بولىدۇ. ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلگەندەك، چاچ يىلتىزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك گېنلارنىڭ يەككە ھۈجەيرە ئانالىزى ۋە چاچ يىلتىزىنى ئوراپ تۇرغان توقۇلمىلارنىڭ فەزالىق ترانسكرىپتوم ئانالىزى دورا تەرەققىياتى ۋە مېخانىزملارنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن نىشانلارنى تېپىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ [7].

图文解析 رەسىملىك تەھلىل

Figure 2. Evaluation of Wnt activity level by concentration of Wnt signaling agonists selected through High-Throughput Screening.
يۇقىرى ئېقىملىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق تاللانغان
Wntسىگنال ئاكتىپلاشتۇرغۇچىلارنىڭ قويۇقلۇقىنىڭ ئاكتىپلىق سەۋىيە تەسىرىنى باھالاش


نامزات دورىلارنىڭ ئىنسان تېرە پاپىللا ھۈجەيرىلىرىدىكى Wnt
بىلەن مۇناسىۋەتلىك RNA ئىپادىلىنىش سەۋىيەلىرىگە بولغان
تەسىرى


Figure 6. Effects of various drugs on toenail length using CT imaging.
رەسىم 6. كومپيۇتېرلىق توموگرافىيە تەسۋىر ئارقىلىق ھەر خىل دورىلارنىڭ تىرناق ئۆسۈشىگە بولغان تەسىرى

چاشقانلىرىدا C57BL/6 ئاكتىپلاشتۇرغۇچىلارنىڭ ئۆسۈش
باسقۇچىنى قوزغىتىش سىنىقىWnt

图文解析
تەتقىقات نەتىجىسى
بىز FDA تەستىقلىغان 5,170 خىل دورا ۋە تەبىئىي تەركىپبى يۇقىرى ئۈنۈملۈك TCF/LEFپروموتور سىنىقى ئارقىلىق Wnt ئاكتىپلاشتۇرۇش تەسىرى ۋە سىتوتوكسىكلىقى بولغان چاچ ۋە تىرناق چىقارغۇچ تەركپنى تېپىپ چىقتۇق. ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق قېتىم تەكرارلانغان سىناقardaئۈنۈملۈك بولغان Wnt ئاگونىستلىرى دەسلەپتە ئاساسەن ئۈچ تۈرگە ئايرىلدى: باكتېرىيەگە قارشى دورىلار (2a-2c-رەسىملەردە كۆرسىتىلگەندەك)، راكقا قارشى دورىلار (2d-2g-رەسىملەر) ۋە GSK3beta توسقۇچىلىرى (2h ۋە 2i-رەسىملەر). بىۋاسىتە سېلىشتۇرۇشقا يول قويۇش ئۈچۈن، 2j-رەسىمدە ھەر بىر دورا ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى لۇسىفېرازا ئىپادىلىنىش قىممەتلىرى ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن y-ئوق شكالىسىدا كۆرسىتىلگەن.
كۆپىنچە دورىلار ئەڭ يۇقىرى لۇسىفېرازا ئىپادىلىنىشىنى 1μMبىلەن 10μM ئارىلىقىدىكى كونسېنتراتسىيىلەردە كۆرسەتتى. ئەنزاستاۋرىن ئەڭ مۇھىم تەسىرىنى يۇقىرىراق كونسېنتراتسىيە بولغان 100μMدا كۆرسەتتى (2f-ئامىنو ئاكرىدىن، ئېنتىنوستات، تۇسىدىنوستات، ئەنزاستاۋرىن ۋە CP21R7) مۇسبەت كونترول بولغان 10mM LiCl دىن كۈچلۈكرەك تەسىر كۆرسەتتى. بولۇپمۇ CP21R7 10mM LiCl دىن 10 ھەسسە يۇقىرى پائالىيەت سەۋىيىسىنى نامايان قىلدى (2j-رەسىم).
توققۇز ئۈنۈملۈك دورىنىڭ ئىچىدە، CP21R7 ۋە BIO (ھەر ئىككىلىسى GSK3 بېتا توسقۇچىلىرى) ئاللىبۇرۇن Wnt سىگنالىنى ئاكتىپلاشتۇرىدىغانلىقى بىلەن تونۇلغان. HDAC توسقۇچىسى بولغان ئېنتىنوستاتنىڭ يېقىندا Wnt سىگنالىنى ئاكتىپلاشتۇرالايدىغانلىقى دوكلات قىلىنغان. بۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك سىناق ئالتە يېڭى دورىنى يوشۇرۇن Wnt ئاگونىستلىرى سۈپىتىدە بايقىشقا ئېلىپ كەلدى.
سىتوتوكسىكلىق جەھەتتە، دورا تۈرىگە قاراپ پەرق بار ئىدى. باكتېرىيەگە قارشى دورىلار (3a، 3bۋە 3c-رەسىملەر) يۇقىرى كونسېنتراتسىيىلەردىمۇ (100 μM ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى) ئەڭ تۆۋەن زىيانلىقلىقنى كۆرسەتتى. ئەمما راكقا قارشى دورىلار (3f ۋە 3g-رەسىملەر) ۋە GSK3beta توسقۇچىلىرى (3h ۋە 3i-رەسىملەر) 100 μMياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى كونسېنتراتسىيىدە كۈچلۈك زىيانلىقلىق كۆرسەتتى. راكقا قارشى دورىلار ئىچىدە، HDACتوسقۇچىلىرى (3d ۋە 3e-رەسىملەر) نىسبەتەن ئاز زىيانلىق دەپ بايقالدى
**خۇلاسە قىلغاندا، بىز يۇقىرى ئېقىملىق تەكشۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ 5,170 خىل دورىنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئالتە يېڭى دورىنى بايقىدۇق. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامىنوئاكرىدىن، ئابېماسىكلىب ھەمدە ئامىنوئاكرىدىن بىلەن MXD نىڭ بىرلەشمىسى ھايۋان مودېللىرىدا ئۈمىدۋار نەتىجىلەرنى كۆرسەتتى. بۇ دورىلار Wnt/β-catenin سىگنال يوللىرىنى ئاكتىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق چاچ ۋە تىرناق ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك داۋالاش ۋاسىتىلىرى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە.

ئومومى ئەھۋال
جەمئىيەت ھەققىدە قائىدە - نىزام رەئىس سۆزى رەھبەرلەر ئەزالار غەمخۇرلق ئىش-ئىزلارجەمئىيەت ئۇچۇرلىرى
جەمئىيەت ئېلانى مېدىيا خەۋەرلىرى پائالىيەت ئۇچۇرلىرى جەمئىيەت خەۋەرلىرىمەدەنىيەت مائارىپ
ئىلمىي ئالماشتۇرۇش مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئوقۇغۇچىلارسودا ھەمكارلىقى
مەبلەغ سېلىش سىياسەتلەر كارخانىلار ھەمكارلىق تۈرىگۈزەل شىنجاڭ
ساياھەتچىلىك تەبئىي مەزىرە تائاملار ئادىمىيەت تارىخى شىمالىي شىنجاڭ جەنۇبى شىنجاڭ